COVID-19 قانچىلىك خەتەرلىك؟
گەرچە كۆپچىلىك كىشىلەردە COVID-19 پەقەت يېنىك كېسەللىكلەرنىلا كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋاللاردا ئۆلۈمگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ياشانغانلار ۋە ئىلگىرى كېسەللىكلىرى بارلار (مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى ياكى دىئابېت) تېخىمۇ ئاجىز كۆرۈنىدۇ.
كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى قايسىلار؟
بۇ ۋىرۇس يېنىك كېسەللىكتىن تارتىپ ئۆپكە ياللۇغىغىچە بولغان ھەر خىل ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى قىزىتما، يۆتەل، بوغۇز ئاغرىش ۋە باش ئاغرىش قاتارلىقلار. ئېغىر ئەھۋاللاردا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
كورونا ۋىرۇسى كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قانچە؟
COVID-19 نىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى، يەنى ۋىرۇسقا يولۇقۇش (يۇقۇملىنىش) بىلەن ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئارىسىدىكى ۋاقىت، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5-6 كۈن، ئەمما 14 كۈنگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇ مەزگىلدە، يەنى «ئالامەتلەردىن بۇرۇنقى» مەزگىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بەزى يۇقۇملانغان كىشىلەر يۇقۇملۇق بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئالامەتلەردىن بۇرۇنقى يۇقۇملىنىش ئالامەتلەر پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن يۈز بېرىشى مۇمكىن.
QQ 图片新闻稿配图

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى